كولۇمبىيە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

كولۇمبىيە دۆلەت ئورگانلىرى، تېلېگراف ۋە تېخنولوگىيە مۇلازىمىتى شىركىتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2037748
كولۇمبىيە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تور ھۇجۇمىدىن كېيىن، سودا – سانائەت ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە ئالىي كېڭىشىنىڭ تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈلگەن.

ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تور ھۇجۇمىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تور ھۇجۇمىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز. بۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانى تېلېگراف ۋە تېخنولوگىيە مۇلازىمىتى شىركىتى دەپ قارايمىز. ئەمما بۇ تور ھۇجۇمىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

كولۇمبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئورگانلىرى تور ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئەھۋال ئايدىڭلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر