جەنۇبىي كورېيەدە 610 كىش بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى

جەنۇبىي كورېيەدە 1-ئايدىن بۇيان 610 كىشى بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.

2038018
جەنۇبىي كورېيەدە 610 كىش بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل يانۋاردىن سېنتەبىرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا 610 كىشى بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

جەنۇبىي كورېيەدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 301 كىشى، 2016 – يىلى 673 كىشى بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

پارازىت توشۇغۇچى پاشىلارنىڭ چېقىۋېلىشى بىلەن تارقىلىدىغان ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 كۈنلۈك يوشۇرۇن مەزگىلىدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قىزىش، تىترەش، تەرلەش، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش، مۇسكۇل ئاغرىش ۋە ھالسىزلىق قاتارلىقلار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر