كىم جوڭئۇن: بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردۇر

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ ئازادلىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «دوستلۇقىمىزنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت» دېدى.

2037087
كىم جوڭئۇن: بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنىڭ ئامۇر رايونىدىكى ۋوستوچنىي كوسمودرومىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى بايانات بەردى.

كىم جوڭئۇن رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى كۈچى شەكىللەندۈرۈش يولىدىكى قەدەملىرىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ مەركىزى بولغان رۇسىيەدە ناھايىتى ئالاھىدە بىر ۋاقىتتا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقىغا ئىگە بولۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان كىم جوڭئۇن: «دوستلۇقىمىزنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت. مەن بىزنىڭ ئورتاق يىغىنىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى پۇرسىتى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

«رۇسىيە ئۆزىگە قارشى چىققان زومىگەر كۈچلەرگە قارشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كۈرەشنى باشلىدى» دېگەن كىم جوڭئۇن، دۆلىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز پۇتىننىڭ بارلىق قارارلىرى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدۇق ۋە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت قۇرۇشتا ھەر دائىم بىرگە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن بولسا، شىمالىي كورېيەنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەتنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

كىم جوڭئۇن بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندىن كېيىن، ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «رۇسىيە - 1» قانىلىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بەزى چەكلىمىلەر بار. رۇسىيە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەمما، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ سۆزلىشەلەيدىغان، سۆھبەتلىشەلەيدىغان ۋە ئويلىشىدىغان ئىشلىرىمىز بار» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پۇتىن: «ئەمما، ھازىرقى قائىدىلەر دائىرىسىدە بىزمۇ دىققەت قىلىۋاتقان ۋە سۆھبەتلەشكەن پۇرسەتلەر بار» دېدى.

رۇسىيە رەھبىرى پۇتىن كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ «ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دېھقانچىلىق ساھەسىدە رۇسىيەنىڭ تەمىنلىيەلەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرى بارلىقىنى تەكىتلىگەن پۇتىن، خىتايغا تۇتىشىدىغان بىر تاش يول، بىر تۆمۈر يول ۋە پورتتىن تەركىب تاپقان «ئەشيا ئوبوروتى ئۈچبۇلۇڭى» تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر