جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى، ئۈچ ھىندىستان ئەسكىرى ۋە بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2037355
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ NDTV قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلىرى جاممۇ كەشمىرنىڭ كوكېرناگ رايونىدا «بىر توپ تېررورچىلارنىڭ بارلىقى» توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،  جاممۇ كەشمىر رايونى كەشمىرنىڭ بەزى رايونلىرىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ كوكېرناگتىكى توقۇنۇشىدا ئىككى ئەسكەر بىلەن بىر ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، راجۇرى رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر بىلەن ئىككى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر