لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى كەلكۈندە دەرنە شەھىرىدىلا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5300 گە يەتتى
لىۋىيەنىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە دەرنە شەھىرىدىلا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5300 گە يەتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئەلخارراز 10 – سىنتەبىردە دۆلەتنىڭ شەرقىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن كەلكۈن ئاپىتىدە، پەقەت دەرنە شەھىرىدىلا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 5 مىڭ 300 گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تارىق ئەلخارراز كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كىملىكى ئېنىقلانغان 1300 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى، كەلكۈندە بەزى ئائىلىلەر پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن بولغاچقا كىملىكى ئېنىقلانمىغان نۇرغۇن جەسەتنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنى ھازىرچە دەپنە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تارىق ئەلخارراز دەرنەدىكى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھازىرغىچە تېپىلمىغان نۇرغۇن جەسەتلەر بار، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىردىن كەلگەن قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر ئەترەتلىرى كەلكۈن سەۋەبىدىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن جەسەتلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا» دېدى.
ئوتتۇرا ئاق دېڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە 10-سېنتەبىر لىۋىيەنىڭ شەرقىنى ۋەيران قىلغان «دانىيال» بورىنى بىنغازى، بەيدا، مەرج، سۇسە ۋە دەرنە شەھەرلىرىدە كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلغان ئىدى.
مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن مەملىكەت مىقياسىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغان بولۇپ، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىمۇ قېرىنداش دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردىن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى.
قىزىل كرېست جەمئىيىتى لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 10 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لىۋىيەنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ «40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى» سەۋىيەگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.