لىۋىيەنىڭ دەرنە شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى دەرنە شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، مىڭلىغان كىشى يوقاپ كەتتى.

2036655
لىۋىيەنىڭ دەرنە شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى  6 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «LANA» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە پەقەت دەرنە شەھىرىدە  قازا قىلغانلارنىڭ سانىلا  6 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئاقدېڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە 10-سېنتەبىر كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقىگە ئېغىت تالاپەت يەتكۈزگەن «دانىيال» ناملىق بوران - چاپقۇن بىنغازى، بەيزا، مەرج، سۇسە ۋە دەرنە شەھەرلىرىدە كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەتتە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغان، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىمۇ  قېرىنداش دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغانىدى.

خەلقئارا  قىزىل كىرېست جەمئىيىتى لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 10 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، لىۋىيەنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى «40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە» گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر