فىلىپپىننىڭ ناماك رايونىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ناماك رايونىنىڭ شىمالىدىن 73 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2036589
فىلىپپىننىڭ ناماك رايونىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، يەر يۈزىدىن 41.3 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن 6.3 بال يەر تەۋرەشتە، ئادەم ئۆلۈش ياكى ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرايدىغان ھادىسىلەر كۆرۈلمىگەن.

فىلىپپىندە ئىيۇن ئېيىدىمۇ 6.2 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى.

تىنچ ئوكيان يەر تەۋرەش رايونىغا جايلاشقان فىلىپپىن يەر تەۋرەش ھەرىكىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،  ئۇ يەنە «ئوت ھالقىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر