سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2036233
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىردىنبىر مەقسىتى رايوندا قان تۆكۈش بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئۇنسۇرلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.