كىم جوڭئۇن رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى ئېلىپ ماڭغان برونىۋىك پويىز رۇسىيە زېمىنىغا يېتىپ باردى.

2036221
كىم جوڭئۇن رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇننى ئېلىپ ماڭغان برونىۋىك پويىز ئەتىگەندە رۇسىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىغا قاراشلىق پىرىمورسكىي كرايدىكى خاسان پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەن.

پويىز ئاندىن ئۇسسۇرىسك شەھىرىدىن خاباروۋىسكىغا قاراپ يولغا چىققان. كىم جڭئۇننى ئېلىپ ماڭغان پويىزنىڭ ئاخىرىقى مەنزىلى تېخىچە نامەلۇم.

كىم جوڭئۇننىڭ تۈنۈگۈن شەرقىي ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پىرىمورسكىي كرايدىكى ۋىلادىۋوستوكقا يېتىپ بارغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

رۇسىيە پرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پۇتىن بىلەن كىمنىڭ يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

دىمىترىي پېسكوۋ پۇتىننىڭ كىم جوڭئۇننىڭ شەرىپىگە رەسمىي كەچلىك زىياپەت بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سۆھبەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە بىلەن  رۇسىيەنىڭ قورال-ياراغ سۆھبىتىنى ئاكتىپ ھالدا داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىشلار ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە داۋاملىشىشى مۇمكىن. يوشۇرۇن كېلىشىملەر ئارقىلىق رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان زور مىقداردىكى ھەر خىل ئوق-دورىلارنى شىمالىي كورېيەدىن ئېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

ئالدىنقى ھەپتىمۇ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى كىم جوڭئۇننىڭ پۇتىن بىلەن قورال-ياراغ سودىسى قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر