ئولاف شولز يەر شارى ئۇل ئەسلىھە يېتەرسىزلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز يەر شارى ئۇل ئەسلىھە يېتەرسىزلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى.

2035212
ئولاف شولز يەر شارى ئۇل ئەسلىھە يېتەرسىزلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئولاف شولز 18-نۆۋەتلىك گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەرشارى ئۇل ئەسلىھە،  سېلىنما شېرىكلىكى  ۋە ئىقتىسادىي كارىدور» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يەر شارى ئۇل ئەسلىھە يېتەرسىزلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى يەر شارى ئۇل ئەسلىھە سېلىنما ھەمكارلىقىنى باشلىغانلىقىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى بەلگىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شولز يەر شارى ئۇل ئەسلىھە كەمچىللىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئورگان ۋە دۆلەتلەرنى ئاكتىپ بولۇشقا چاقىرىق قىلىپ، « يەر شارى ئۇل ئەسلىھە كەمچىللىكىنى تۈگىتىشكە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئاكتىپ بولۇشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇل ئەسلىھە مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۇنيا بانكىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن شولز، گېرمانىيەنىڭ دۇنيا بانكىسىنى 305 مىليون ياۋرولۇق قوشۇمچە ئارىلاشما مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شولز گېرمانىيەنىڭ گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىغا نۆۋەتچى رەئىس بولغان مەزگىلىدە «ئافرىقا بىلەن بىرگەۋدىلىشىش» تەشەببۇسىنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىشقا تىرىشتۇق، نويابىردا <ئافرىقا بىلەن بىرگەۋدىلىشىش> تېمىسىدا بېرلىندا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىمىز. بۇ يەردە بىز بىرلىكتە ئافرىقىدا ئۇل ئەسلىھە بەرپا قىلىشقا ۋە ئافرىقىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئاساس سالىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر