ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى  كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پايتەخت يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىدا، ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى توغرىسىدا «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.

2035203
ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى  كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «The Indian Express» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا <بىر دۇنيا، بىر ئائىلە، بىر كەلگۈسى> تېمىسى ئاستىدا 18-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، <يەرشارى ئۇل -ئەسلىھە، سېلىنما شېرىكلىكى ۋە ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى> يىغىنى ئېچىلدى.

مودى يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «بۈگۈن بۇ مۇھىم ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىكلىك توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە، (بۇ كارىدور) ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادا زور بىر ئىقتىسادىي گەۋدىلىشىشكە  ۋاستە بولىدۇ» دېدى.

باش مىنىستىر مودى يەنە، بۇ كارىدورنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇلىنىش ۋە سىجىل تەرەققىياتقا يېڭى بىر يۆنىلىش بەلگىلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ تەشەببۇس ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقى، فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر