مودى يېڭى دېھلىدا رەھبەرلەرنى بىر – بىرلەپ قاشى ئالدى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بخارات مانداپام خەلقئارا كۆرگەزمە ۋە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياتىپ بارغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر- بىرلەپ قارشى ئالدى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

2035012
مودى يېڭى دېھلىدا رەھبەرلەرنى بىر – بىرلەپ قاشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەر كېيىنچە مۇراسىم دائىرىسىدە «رەھبەرلەر ساھەسى» دا بىر يەرگە جەم بولدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، رەھبەرلەر يىغىن ئولتۇرۇشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يىغىن زالىغا كىردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «بىر دۇنيا» باش تېما قىلىنغان تۇنجى ئولتۇرۇشقا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ٪85 ى ۋە دۇنيا سودىسىنىڭ ٪75 گە ۋەكىللىك قىلىدىغان، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۈچ ئولتۇرۇشىدا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر