مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 64 ئادەم قازا قىلدى

مالىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 49 پۇقرا ۋە 15 ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 64 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2034706
مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 64 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ساياھەت پاراخوتى تىمبۇكتۇ رايونىدىن ئۆتىدىغان نىگېر دەرياسىدا راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

موتورىغا 3 راكېتامىيوت ئوقى تەگكەن پاراخوتتىكى 49 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 300 ئادەم ئولتۇرغان پاراخوت ھۇجۇمدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي قىرغاققا يېقىنلىشالىغان.

گاۋ رايونىنىڭ بامبا ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 15 ئەسكەر قازا قىلغان.

مالى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە،  8-سېنتەبىر يېرىم كېچىدىن باشلاپ، ھەر ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن 3 كۈنلۈك مىللىي ماتەم ئېلان قىلىنغان.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى مەغرىب ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ساھېل گۇرۇپپىسى بولغان جامائەت نۇسرە ئەلئىسلام ۋەلمۇسلىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر