ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى گابوننىڭ ئەزالىقىنى توڭلىتىپ قويدى
ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى (ECCAS) گابوننىڭ ئەزالىقىنى ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپ - ئىنتىزام كۈچكە ئىگە بولىدىغان چاغقىچە توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېكۋاتور گۋىنىيىسىدە يىغىن چاقىرىپ، 30- ئاۋغۇست گابوندا يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، گابوننىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئەزالىقى ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپ - ئىنتىزام كۈچكە ئىگە بولىدىغان چاغقىچە توڭلىتىپ قويۇلغان.
باش ئىشتابى گابوننىڭ پايتەختى لىبرېۋىلغا جايلاشقان ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى 1983- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئانگولا، بۇرۇندى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگو جۇمھۇرىيىتى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، سان تومې ۋە پىرىنسىپ، ئېكۋاتور گىۋېنىيەسى، گابون ۋە رىۋاندا قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.