ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۇلكېرىم شەھىرىدىكى نۇر شەمس مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەستىنلىك قازا قىلدى.

2033157
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى سابىت سابىت دوختۇرخانىسىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نۇر شەمس مۇساپىرلار لاگېرىدا پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇساپىرلار لاگېرىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن يوللارنى كولاپ، يول ياقىسىدىكى پەلەستىنلىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا زىيان يەتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر