شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 43-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 5-7-سېنتەبىر كۈنلىرى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا چاقىرىلىدۇ.

2033132
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 43-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە رايونلۇق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە، 26-نۆۋەتلىك خىتاي-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى، 18-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكيان مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا، بىرمادىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش، داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپلىرى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان رىقابەت، نوپۇز كۈرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر  10 دۆلەت رەھبىرىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر