ھىندىستاندا ئىككى سائەتتە 61 مىڭ قېتىم چاقماق چۈشتى

ھىندىستاننىڭ ئودىشا ئۆلكىسىدە 12 ئادەم چاقماق سوقۇۋېتىپ قازا قىلدى.

2033275
ھىندىستاندا ئىككى سائەتتە 61 مىڭ قېتىم چاقماق چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئودىشا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى بۇبانېسۋار شەھىرىدە شىددەتلىك يامغۇر بىلەن بىرلىكتە ئىككى سائەت ئىچىدە 61 مىڭ قېتىم چاقماق چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، چاقماق سوقۇۋەتكەن 12 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدرۈلدى.

ھىندىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا پۇقرالارنىڭ چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ھوشيار بولۇپ، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر