زېلېنىسكىي قىرىم تاتارى رۇستەم ئۇمەروۋنى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي قىرىم تاتار تۈركلىرىدىن رۇستەم ئۇمەروۋنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2032575
زېلېنىسكىي قىرىم تاتارى رۇستەم ئۇمەروۋنى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مەن ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدىم. ئولېكسېي رېزنىكوف 550 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى. مەن مىنىستىرلىقنىڭ ئارمىيە ۋە جەمئىيەتكە يېڭىچە ئۇسۇللارنى نامايان قىلىپ، يېڭى تەسىرلەرنى كۆرسىتىش ئېھتىياجى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمدى مىنىستىرلىققا رۇستەم ئۇمەروۋ باشلىق بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە پارلامېنتنىڭ بۇ قارارنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئولېكسېي رېزنىكوف 2021- يىلىدىن بۇيان ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.

 

رۇستەم ئۆمەروۋ كىم؟

1982- يىلى دۇنياغا كەلگەن رۇستەم ئۇمەرۇۋ، ئۇكرائىنا تارىخىدا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى قىرىم تاتارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ مەسلىچەتچىسى بولغان رۇستەم ئۇمەروۋ، ئىلگىرى ئۇكرائىنا دۆلەتلىك مال- مۈلۈك فوندىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئۇكرائىنا ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىگە مەسئۇل مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كومىسسارى ئۇمەروۋ، 2022- يىلى 2- ئايدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر