رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تۆت تېز سۈرئەتلىك كېمىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە قارا دېڭىزدا ئۇكرائىنانىڭ تۆت تېز سۈرئەتلىك كېمىسىنى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2032818
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تۆت تېز سۈرئەتلىك كېمىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن قارا دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ئۇكرائىنانىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان تۆت دانە تېز سۈرئەتلىك كېمىسىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق ئامېرىكادا ئىشلەنگەن «ۋىللارد مارىن» ماركىلىق دېڭىز- ئوكيان ئارمىيەسى تېز سۈرئەتلىك كېمىلىرىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى تارخانكۇت تۇمشۇقىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە 30- ئاۋغۇستمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھۇجۇمدا 50 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان تۆت ھەربىي كېمىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شەنبە كۈنى بولسا، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىرىم كۆۋرۈكىگە ھۇجۇم قىلغان ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر