غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرغا يېڭى تەكلىپ سۇندى

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) 26-ئىيۇل (2023) نىگېردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەت ئۈچۈن توققۇز ئايلىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باسقۇچىنى تەكلىپ قىلدى.

2031806
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرغا يېڭى تەكلىپ سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، نىگېرىيە پرېزىدېنتى شۇنداقلا غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولا ئەھمەد تىنۇبۇ نىگېردىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە توققۇز ئايلىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مۇددىتىنى تەكلىپ قىلغان.

تىنۇبۇ نىگېرىيەنىڭ 1999-يىلى ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشلانغان توققۇز ئايلىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتىگە ئايلانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «ئەگەر نىگېر ھەربىي دائىرىلىرى سەمىمىي بولغان ئەھۋالدا، مەن بۇنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا ھېچقانداق سەۋەب يوق دەپ قارايمەن» دېدى.

ئۇ نىگېر ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئارمىيە قانچە تېز ئاكتىپ بەلگىلىمە چىقارسا ، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈلگەن جازانى بىكار قىلىش ئۈچۈن شۇنچە تېز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

نىگېردىكى ۋەتەننى قوغداش كېڭىشى (CNSP) دەپ ئاتىلىدىغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى ئابدۇراخمانې تچيانى 19-ئاۋغۇست (2023) خەلققە خىتاب قىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆتۈشنىڭ ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ يىلدا تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر