بۇركىنا فاسو بىلەن مالى نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قوللىماقتا

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېھتىمالىغا قارشى نىگېرغا ئەسكەر ئەۋەتىش لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

2031782
بۇركىنا فاسو بىلەن مالى نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قوللىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلار كېڭىشىدە غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) نىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئېھتىمالىغا قارشى نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قوللاپ ئەسكەر ئەۋەتىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، لايىھەنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

نگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە شىددەت بىلەن قارشى چىققان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى، دەسلەپتە نىگېردا ئاساسىي قانۇنغا تايانغان جەمئىيەت تەرتىپى قايتىدىن ئورنىتىلمىغان ئەھۋالدا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان قىلدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى ئارمىيە ئىشتابى باشلىقلىرىنىڭ  17-ئاۋغۇست (2023) گانادا چاقىرىلغان يىغىنىدا، نىگېرغا ئەسكەر ئەۋەتىش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما، ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى.

ھەربىي ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان بۇركىنا فاسو بىلەن مالى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىلانلىغان ھەربىي ھەرىكەتكە قارشى چىقىپ، نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قوللىغان ئىدى.

باياناتتا، نىگېرغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەت، بۇركىنا فاسو بىلەن مالىغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەرىكەت ئېھتىمالىغا قارشى نىگېرغا «دەرىجىدىن تاشقىرى تۇكانو» (SuperTucano) تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن ئىدى.

نىگېر ھەربىي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان ئەھۋالدا بۇركىنا فاسو بىلەن مالىغا چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر