ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر» ئۈچۈن بېرىلىدىغان ياردەم پىروگراممىسىغا ئاساسەن تەيۋەنگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتىش ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى.

2031325
ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەتتە «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر» ئۈچۈن بېرىلىدىغان «چەت ئەللەرنى ھەربىي مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش» پىروگراممىسى رامكىسىدا، تەيۋەنگە 80 مىليون دوللار ھەربىي ياردەم بېرىش پىلانى توغرىسىدا دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ ياردىمى تەيۋەننىڭ «ئۆزىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش ئىقتىدارى» نى  ئاشۇرىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى «‹CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا - تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى دائىرىسىدىكى  <بىر خىتاي> سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى. ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش كۈرىشىنى داۋاملىق  قوللايدۇ.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل ماككول بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر