رۇسىيە ب د ت قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىغا قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى.

2031294
رۇسىيە ب د ت قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مالىغا قارىتىلغان ئېمبارگو ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

فىرانسىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھەسى مالىغا قارىتا مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە ساياھەت چەكلىمىسىدىن تەشكىل تاپقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى 2024-يىلى 31-ئاۋغۇستقىچە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى بولسا 2023 - يىلى 30-سېنتەبىرگىچە ئۇزارتىش نىشان قىلىناتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن رۇسىيە بۇ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى.

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىيا بۇ قارار لايىھەسىدە مالى ۋە رۇسىيەنىڭ «ئەندىشەلىرى» نىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مالى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلايې دىئوپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 16-ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىدا، ب د ت مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش - مۇقىملاشتۇرۇش ئەترىتىنىڭ مالىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2017 - يىلى مالىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر