خىتاي يېڭى خەرىتىسىدە بىر قانچە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلىق زېمىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان

مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن خىتاينىڭ يېڭى خەرىتىسىگە، «تالاش-تارتىشلىق رايونلاردا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈردى.

2031486
خىتاي يېڭى خەرىتىسىدە بىر قانچە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلىق زېمىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ 28-ئاۋغۇستتا بېسىپ چىقارغان خەرىتىدە، جەنۇبىي دېڭىزدا مالايشىيا، ۋىيېتنام، فىلىپپىن ۋە  برۇنى قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان رايونلار ھەمدە ھىندىستان زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسمى خىتايغا تەۋە قىلىنغان.

«The Star» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبرى ئابدۇلقادىر جەنۇبىي دېڭىز، مالايشىيانىڭ ساباھ ۋە ساراۋاك ئىشتاتلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى سەۋەبىدىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈگەن.

ب ب س ھىندونېزىيە (BBC Endonezya) نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى تەۋكۇ فايزاسياخ خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بېيجىڭدىكى ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق مەسىلىنى خىتايغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

س ن ن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر خەرىتىگە، «خىتاينىڭ فىلىپپىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى قانۇنىيلىققا ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقى» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر