بايدىن ئافغانىستانلىقلارغا تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بېرىش توغرىلىق چاقىرىقتا بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلەت مەجلىسىنى ئامېرىكادىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئافغانىستانلىقلارغا تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بېرىش نىشان قىلىنغان «ئافغانىستانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش» قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاشقا چاقىردى.

2031359
بايدىن ئافغانىستانلىقلارغا تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بېرىش توغرىلىق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەنلىكىنىڭ 2 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، چېكىنىش جەريانىدا ئامېرىكادىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئامېرىكاغا زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇددى ئافغانىستانلىقلارنىڭ بىزنى قوللىنىغىنىدەك، مەنمۇ ئۇلارغا ياردەم بېرىش توغرىلىق ۋەدە بەردىم. بۇ دائىرىدە، مەن دۆلەت مەجلىسىنى ئافغانىستانلىق دوستلىرىمىز ۋە قوشنىلىرىمىزغا دۆلىتىمىزدە ئولتۇراقلىشىش يولىنى ئېچىش نىشان قىلىنغان <ئافغانىستانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش> قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاشقا چاقىرىمەن.»

 ئىگىلىنىشىچە، «ئافغانىستانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش» قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئەسكەرلىرى) نىڭ 2021 – يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىشى جەريانىدا ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئافغانىستانلىقلارغا تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بېرىلىشىنى نىشان قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر