ئاقساراي: پرىگوجىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە بارغانسېرى ئىشىنىۋاتىمىز

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن جىن پىيېر (Karine Jean-Pierre) رۇسىيە ۋاگنېر ياللانما قوشۇنىنى قۇرغان پرىگوجىننىڭ 23-ئاۋغۇست (2023) تىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىگە بارغانسېرى ئىشىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2030444
ئاقساراي: پرىگوجىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە بارغانسېرى ئىشىنىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن جىن پىيېر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «پرىگوجىننىڭ ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار بارمۇ؟» دېگەن سوئالغا، «بۇ مەسىلىدە يېڭى مەلۇماتىمىز يوق. پرىگوجىننىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى (23-ئاۋغۇست) يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىگە بارغانسېرى ئىشىنىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

رۇسىيە فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيەسى 23-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتتا، پرىگوجىن ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ تۋېردا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار تىزىملىكىدە پرىگوجىندىن باشقا، ئۇنىڭ ياردەمىچىسى ۋە ۋاگنېرنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى دمىترىي ئۇتكىن بىلەن سېرگېي پروپۇستىن، ماكاريان، ئالېكساندىر توتمىن، ۋالېرىي چېكالوۋ، نىكولاي ماتۇسېيېۋلار بار ئىدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىېتى 27-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، تۋېر رايونىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگوجىننىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر