«2022 - يىلى پەلەستىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ قانلىق يىلى بولدى»

2022 - يىلىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىك بالىلار ئۈچۈن «يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ قانلىق يىلى» بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2030265
«2022 - يىلى پەلەستىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ قانلىق يىلى بولدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا: «2022 - يىلى غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىنلىك بالىلار ئۈچۈن يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ قانلىق يىلى بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىغا قاراتقان زوراۋان سىياسەتلىرىنىڭ بۇ يىلمۇ ئېغىرلاشقان ھالدا داۋاملاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا: «2023 – يىلىمۇ (ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش) ئوخشاش سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا ياكى 2022 - يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېيىلدى.

«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرى پەلەستىنلىك بالىلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىك بالىلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىرغاقتا 2023 - يىلى «22 - ئاۋغۇستقىچە 34 پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن ساقچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارغا قاراتقان ئەجەللىك كۈچ ئىشلىتىشىگە خاتىمە بېرىش»كە چاقىرىلغان دوكلاتتا، «مەجبۇر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى چەكلەش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنى بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ئامما بىلەن ئورتاقلىشىش» تەلەپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك بالىلارغا قارىتىلغان ھەق - ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا دوكلات قىلدۇرۇش، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ پەلەستىندىكى ئىشخانىسىنىڭ بالىلار ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىش ۋە «ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر دەخلى - تەرۇزلىرىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە، ياردەملەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە 2023 - يىلى 3 مىليارد 800 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن شەرتلىك بېرىلىشى» قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىندى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ئۇدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار نەتىجىسىدە ئېغىر جىددىيچىلىكلەرگە سەھنە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر