رۇمېنىيەدىكى پارتلاشتا بىر كىشى قازا قىلدى

رۇمېنىيەنىڭ كرېۋېدىيە شەھىرىدە رۇخسەتسىز (سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى) پونكىتىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بىر كىشى قازا قىلغان.

2029765
رۇمېنىيەدىكى پارتلاشتا بىر كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇمېنىيە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى رائىد ئارافات بىرىنچى قېتىملىق پارتلاشتىن كېيىنكى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە بارغان 26 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشتىن كېيىن يارىلانغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھۋالى ئېغىر تۆت كىشىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىتالىيە ۋە بېلگىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدارمەسئۇللار، تۇنجى قېتىملىق پارتلاشنىڭ رۇخسەتسىز ماي پونكىتىدا گاز قاچىلىنىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر