تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ يەنە قانۇنسىزلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈلۈشكۈن (25 -ئاۋغۇست) كەچتىن تۈنۈگۈن (26- ئاۋغۇسست) ئەتىگەنگىچە ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە  32 ھەربىي ئايروپىلان ۋە 9 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2029545
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ يەنە قانۇنسىزلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 32 ئايروپىلاندىن 20 سىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەرەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەيدىغان ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ) رايونىدا ئۇچقانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 2 دانەSU-30» » تىپلىق ئۇۇرش ئايروپىلانى،  8 دانە « «J-10» ۋە 4  دانە «JH-7» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەمدە «TB-001» ۋە «CH-4» تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى «ئوتتۇرا سىزىق» تىن ھالقىپ ئۆتكەنلىكى، «Y-8 EW» ۋە «KJ-500» تىپلىق ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئايروپىلانى، «BZK-005» تىپلىق قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە «Y-9» تىپلىق ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ بولسا، تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ)  نىڭ غەربىي جەنۇبىدا قاراپ ئۇچقانلىقى ئۇقتۇرلدى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈلۈشكۈن (25- ئاۋغۇست) كۈندۈزدىمۇ خىتاينىڭ 22 ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ئارال ئەتراپىدا بايقالغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن 13 ىنىڭ «ئوتتۇرا سىزىق» تىن ھالقىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر