ئامېرىكادا ناچار ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن 5 ئادەم ئۆلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كۈچلۈك شامال ۋە ناچار ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2029378
ئامېرىكادا ناچار ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن 5 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنت ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ئانا ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى قارا يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.

يىڭخام ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىمۇ بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 25 ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

لەنسىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى جوردان گولكىس، مىچىگان ئىشتاتىنىڭ پايتەختى لەنسىڭ شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە دەرەخ يىقىلىپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر