ھاۋاي ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاۋاي ئىشتىدا 9 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان ۋە 115 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
2029393
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائۇي ناھىيەسى دائىرىلىرى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى باشلانغاندىن بۇيان ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە يوقاپ كەتكەنلەردىن يەنە 338 كىشىنىڭ بارلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، تۈنۈگۈن چۈشكىچە ئاپەت رايونىدا قاپسىلىپ قالغانلاردىن يەنە 1732 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.