نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدۇ
گوللاندىيە ۋە دانىيەدىن كېيىن نورۋېگىيەنىڭمۇ ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2028933
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەنىڭ «NRK» ۋە «TV2» تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نورۋىگىيە ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن نورۋېگىيە، گوللاندىيە ۋە دانىيەدىن قالسا ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدىغان 3 – دۆلەت بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان.
بۇ جەرياندا، نورۋېگىيە باش ۋەزىرى جوناس گاۋخۇر ستورې ئۇكرائىنادا رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا ئىكەن.