گىرېتسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆچمەنلەر

گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ (ئالېكساندرۇپولىس) رايونىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان دادىيا ئورمانىدا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بىر جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2029279
گىرېتسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆچمەنلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (2023-يىلى 25-ئاۋغۇست) كاۋاجىك (لەفكىمى) يېزىسىدىكى كۆيۈپ كەتكەن ئورمانلىقتا بىر جەسەت تېپىلدى.

ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەن جەسەتنىڭ مەرىچ دەرياسى ئارقىلىق گىرېتسىيەەە ئۆتمەكچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەننىڭ ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

گىرېتسىيەدە 19-ئاۋغۇست (2023) تىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرى پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنالمىغان بولسىمۇ، يەتتىنچى كۈنىدە تەسىرىنى يوقاتتى.

ۋىيوتىيادا 21-ئاۋغۇستتا بىر پادىچى بىلەن مەرىچ رايونىدىكى كاۋاجىك (لەفكىمى) تا بىر قانۇنسىز كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. 22-ئاۋغۇستتا بولسا، دادىيا ئورمانىدا مەرىچ دەرياسىدىن گىرېتسىيەگە ئۆتمەكچى بولغان ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان 18 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىچىك بالىنىڭ جەسىتى بار ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، گىرېتسىيەدە ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 21 گە چىققان بولدى.

گىرېتسىيەدە ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ بىر قانچە كۈنگىچە ئۆچۈرۈلەلمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

بىر گۇرۇپپا نامايىشچى پايتەخت ئافېنادا، ئوتنىڭ كونترول قىلالماسلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ يالغۇزلا  كىلىمات ئۆزگىرىشى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

نامايىشچىلار پاژارنى ئىدارىسىدىكى خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر