بايدىن ھاۋايدىكى ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا زىيارەت قىلغان ھاۋاينىڭ ماۋى (Maui) رايونىغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

2027663
بايدىن ھاۋايدىكى ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھاۋايدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئوت ئاپىتىدە ھايات قالغانلار بىلەن بىرلىكتە «ماتەم تۇتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماۋى رايونىنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاۋاي ئارىلىدا ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئارىدىن 13 كۈن ئۆتكەندە رايوننى زىيارەت قىلغان پىرېزىدېنت بايدىن، ئەڭ ئاز دېگەندە 115 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاپەتتە ھايات قالغانلارغا قارىتىپ سۆز قىلدى.

ئۇ: «ۋالىينىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان ئىلتىماسىنى دەرھال تەستىقلىدىم، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تېز سۈرئەتتە قامدايمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت بايدىن رەپىقىسى جىل بايدىن (Jill Biden) بىلەن بىرلىكتە ئەپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى تىك ئۇچاردا كۆزدىن كەچۈردى.

ھاۋاي ۋالىيسى جوش گرېن (Josh Green) رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى داۋامىدا «كۈندە 10 دىن 20 جەسەتكىچە تېپىلىشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، ئاپەتتە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنى ئېنىقلاشقا 10 كۈن كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ماۋى رايونىنىڭ باشلىقى رىچارد بىسسېن (Richard Bissen) تاراتقۇ ئادرېسىدا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا، 850 كىشىدىن خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر