مالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 21 كىشى قازا قىلدى

مالىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 21 كىشى قازا قىلدى.

2026935
مالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 21 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مالىدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسالانغاندا، كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر موپتى رايونىغا قاراشلىق يارۇ يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا 21 كىشى قازا قىلىپ، كەم دېگەندە 20 كىشى يارىلانغان.

ساھەل رايونىدىكى «ئۈچ دۆلەت چېگراسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇركىنا فاسو، مالى ۋە نىگېر 2013-يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە چېتىشلىق گۇرۇپپىلار بىلەن دائېش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر