فىرانسىيەدە پويىز ۋە مېترو بېكەتلىرىدە ھەقسىز سۇ تارقىتىش باشلاندى

فىرانسىيەدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن پويىز ۋە مېترو بېكەتلىرىدە ھەقسىز سۇ تارقىتىش باشلاندى.

2026938
فىرانسىيەدە پويىز ۋە مېترو بېكەتلىرىدە ھەقسىز سۇ تارقىتىش باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياز تېمپېراتۇراسىنىڭ پەسىللىك ئۆلچەملەردىن يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن فىرانسىيەنىڭ 49 رايونىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغان.

قاتناش مىنىستىرى كلېمېنت بىئون مارسېليا شەھىرىدىكى ساينت چارلېز ۋوگزالىنى زىيارەت قىلىپ، كېلەر ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسىغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

كلېمېنت بىئون خەلقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن فىرانسىيە تۆمۈر يول لىنىيەسىنى باشقۇرىدىغان <SNCF>  شىركىتىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ، پويىز ۋە رېلىسلارنى ئاسراشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

ئۇ پويىز، مېترو بېكىتى قاتارلىق جايلاردا ھەقسىز سۇ تارقىتىشنى باشلىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر