رۇسىيە 54 نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسىغا رۇسىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بيۇروكراتلار ۋە بىر قىسىم ژۇرنالىستلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 54 نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسىغا رۇسىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويدى.

2026764
رۇسىيە 54 نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسىغا رۇسىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان «دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسى» گە چېتىشلىق ھالدا تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، ئۇكرائىنانى مىسكەت بومبىلار بىلەن تەمىنلەشتە جاۋابكارلىقى بولغان  ئەنگىلىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننابېل گولدىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بايناتتا يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان خەلقئارا جىنايى ئىشلارسوتى  باش مۇپەتتىشى قارىم خاننىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، <BBC>، <The Guardian> گېزىتى ۋە «The Daily Telegraph» گېزىتىنىڭمۇ بىر قىسىم ژۇرنالىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 54 نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى ھەمدە  بۇ خىل ئېمبارگولارنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر