ستولتېنبېرگ: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى بېسىۋېلىش پىلانىدا ئۆزگىرىش يوق

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ غەربكە قاراتقان يادرو تەھدىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەممىسىنى ئىشغال قىلىش پىلانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ناتونىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2026339
ستولتېنبېرگ: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى بېسىۋېلىش پىلانىدا ئۆزگىرىش يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ نورۋېگىيەنىڭ ئارېندال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل ئۇكرائىنانى بېسىۋېلىش نىشانىدىن ۋاز كەچكىنىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بېشارەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ غەربنى پارچىلاپ، قورقۇتۇش ۋە ئۇكرائىنانى قوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يادرو تەھدىتىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر رۇسىيە ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قىلىش پۇرسىتىنى كۆرسە، پۈتكۈل ئۇكرائىنانى بېسىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ئەگەر رۇسىيە ئۇرۇشنى توختاتسا تىنچلىق بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى توختاتسا خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنىمۇ قايتا-قايتا ئەسكەرتتى.

ئۇ ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى، ناتوغا ئەزا بولۇشنىڭ پەقەت ئۇرۇشتىن كېيىنلا مۇمكىنلىكىنى، تىنچلىقنى قانداق شارائىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۇكرائىنانىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

24-فېۋرال (2022) رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ئىدى.

پۇتىن كىيېۋنىڭ ناتوغا  ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، ھەربىيسىزلەشتۈرۈشنى ۋە ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر