تەيۋەننىڭ مۇۋەققەت رەھبىرى لەي چىڭتېنىڭ نىيۇ يورك زىيارىتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

تەيۋەننىڭ مۇۋەققەت رەھبىرى لەي چىڭتېنىڭ پاراگۋايغا بېرىش سەپىرىدە ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە توختاپ قىلغان زىيارىتى، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

2025828
تەيۋەننىڭ مۇۋەققەت رەھبىرى لەي چىڭتېنىڭ نىيۇ يورك زىيارىتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ مۇۋەققەت رەھبىرى لەي چىڭتېنىڭ  پاراگۋايغا بېرىش سەپىرىدە ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە توختاپ  قىلغان زىيارىتى، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئۇ پاراگۋاي زىيارىتىدىن قايتىشىدىمۇ ئامېرىكانىڭ سانفىرانسىسكو شەھىرىدە توختاپ ئۆتتى.

لەي چىڭتې تۈنۈگۈن (16-ئاۋغۇست) سانفىرانسىسكوغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى تەيۋەننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خىسياۋ  بىخىم ۋە تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لاۋرا روسېنبېرگېر(Laura Rosenberger) قارشى ئالدى.

لەي چىڭتې ئايرودۇرۇمغا يېقىن بىر مېھمانخانىغا چۈشتى. مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان خىتايلار نامايىش ئۆتكۈزدى.

لەي چىڭتې ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا، كۈندۈزى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تەيۋەنلىكلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەندە كېلەر يىلى (2024) ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رەھبەرلىك سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كاندىداتى بولغان لەي چىڭتېنىڭ پاراگۋاينى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە «ئۆتكۈنچى زىيارەت» تە بولۇشى، تەيۋەن ئارىلىنى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

خىتاي ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان تەيۋەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىقتىن بەھرىمان بولۈپ كەلمەكتە.

خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىلىپ تۇرۇش داۋاملاشماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، خىتاينى  ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشىنىمۇ شەرت قوشۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر