نىگېرىيەدە يېڭى ئىچكى كابېنت ئېلان قىلىندى

نىگېرىيەدە 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت بولا ئەھمەد تىنۇبۇ 46 كىشىلىك ئىچكى كابېنتىنى ئېلان قىلدى.

2025678
نىگېرىيەدە يېڭى ئىچكى كابېنت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت بولا ئەھمەد تىنۇبۇنىڭ ئىچكى كابېنتى 46 ئەزادىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن سەككىز نەپىرى ئايال ئىكەن.

تىنۇبۇنىڭ ئىچكى كابېنتىدىن داڭلىق سىياسىيونلاردىن سىرت يەنە، يېڭى سىياسىيونلارنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

نىگېرىيەنىڭ كۈچلۈك سىياسىيونلىرىدىن رىۋېرس ئۆلكىسىنىڭ سابىق ۋالىيلىرىدىن نيېسوم ۋىكې فېدېراتسىيە پايتەخت رايونىنىڭ رەئىسى، نىگېرىيەنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىرىدىن يۈسۈپ مايتاما تۇگگار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.

نىگېرىيەدە 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت تىنۇبۇ 29-ماي كۈنى قەسەم بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر