گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت ئايرودۇرۇمىنى سۇ باستى

گېرمانىيەنىڭ بەزى جايلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن فرانكفورت ئايرودۇرۇمىنى سۇ باستى.

2025925
گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت ئايرودۇرۇمىنى سۇ باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرانكفورتتىكى كەلكۈنلەردە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ يەر ئاستى  قېتىنى ۋە ئايرودۇرۇمىنى سۇ بېسىپ كەتتى، نۇرغۇنلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئايرودۇرۇم باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدى تەرەپتە يىغىلىپ قالغان سۇ سەۋەبىدىن نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بەزى ئايروپىلانلار كېچىكتۈرۈلگەن ۋە يەنە بەزى ئايروپىلانلار باشقا ئايرودۇرۇملارغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

تۈنۈگۈن (16-ئاۋغۇست) كەچتە ئۇچۇشى كېرەكلىك تەخمىنەن 70 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەنىڭ بادېن ۋۇرتتېمبېرگ، رھېنلاند پفالز ۋە تۈرېنگېن ئۆلكىلىرىدىمۇ شىددەتلىك يامغۇر بىلەن بوران ئاپىتى خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

ساقچىلار يوللاردىكى نۇرغۇن كېرەكسىز سۇ قانىلى ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ يەر ئاستى قەۋەتلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆپ ساندا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۆي، كوچا ۋە يەر ئاستى يوللىرىدىكى سۇنى چىقىرىش ئۈچۈن تاڭ ئاتقىچە خىزمەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر