دومىنىكادا يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سان كىرىستوبال شەھىرىدە ​​«كونا بازار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر بازاردا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتتى.

2025697
دومىنىكادا يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتىن كېيىن تېپىلغان جەسەتلەر كىملىكلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئۈچۈن ئەدلىيە دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

سان كىرىستوبال ۋالىيسى پۇرا كاسىللا پارتلاشنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرى كۆپ رايوندا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە شەھەر مەركىزىگە يېقىن كارخانىلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر