سۇدان ھاۋا تەۋەلىكى قىسمەن ئېچىلدى
سۇدان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ قىسمەن ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2025189
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىزىل دېڭىز ۋىلايىتى قارمىقىدىكى سۇدان پورتى شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا سۇدان پورتى ئايرودۇرۇمىنىڭ 15-ئاۋغۇست (2023) تىن باشلاپ پۇقرالار نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
15-ئاپرېلدىن باشلاپ ئارمىيە تەرەپ بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان سۇداندا، ھاۋا تەۋەلىكى تاقالغان بولۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۇچۇشلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى.