خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونىڭ ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 78-يىللىقىدا بەى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ قەبرىسى بار ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا قۇربانلىق ئەۋەتىشىنى ئەيىبلىدى.

2025247
خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باش ۋەزىر كىشىدانىڭ ھەرىكىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ تارىخىي مەسىلىلەرگە تۇتقان خاتا پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدانىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغان 15-ئاۋغۇست، خىتاي خەلقىنىڭ باشقا دۇنيا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە فاشىزمىنى ۋە مىللىتارىزمىنى مەغلۇب قىلغان كۈن. ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ياپونيە مىللىتارىزمى سەۋەب بولغان ئۇرۇشلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزۈتۈشى ۋە نورماللاشتۇرۇشى ئۈچۈن تارىخ بىلەن يۈزلىشىپ، ھېسابلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا تۈنۈگۈن (15-ئاۋغۇست) بىرىنچى دەرىجىلىك 14 نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ قەبرىسى بار ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا قۇربانلىق ئەۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ۋەزىرى تاكاچى سانائېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى سابىق دۆلەت مەسئۇللىرىمۇ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر