تۇنىستا كۆچمەنلەر پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىپ بەش ئادەم قازا قىلدى
تۇنىس دېڭىز قىرغىقىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىپ، بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
2024701
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، كۆچمەنلەر پاراخوتىدا كۆپىنچىسى تۇنىسلىق 35 كىشى بار بولۇپ، ۋەقەدە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 23 كىشى ھايات قالغان، يەتتە كىشى يوقاپ كەتكەن.