پاكىستاندا مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە 2 ئادەم قازا قىلدى

1947-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 76 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 80 نەچچە كىشى يارىلاندى.

2024710
پاكىستاندا مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە 2 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Geo News» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاراچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 76 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا نۇرغۇن رايونلاردا ھاۋاغا ئوق ئېتىش سەۋەبىدىن بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كىشى قازا قىلغان، 80 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يارىلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئوق تەگكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر