مېكسىكادا توڭلاتقۇغا تىقىپ قويۇلغان 34 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

مېكسىكادا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە توڭلاتقۇغا تىقىپ قويۇلغان 34 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتى.

2024861
مېكسىكادا توڭلاتقۇغا تىقىپ قويۇلغان 34 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پوزا رىكا شەھىرى ساقچىلىرى ئارمىيە ۋە تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، بەش ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، توڭلاتقۇغا تىقىپ قويۇلغان 34 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار جەسەتلەرنىڭ پارچىلىنىپ، خالتىلارغا قاچىلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىق ئالتە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ھەرىكەتنىڭ ساقچىلارغا ئوق چىقارغان قوراللىق گۇرۇپپىنى تۇتۇش مەقسىتىدە باشلانغانلىقىنى، ئاندىن قوراللىق كىشىلەر پاناھلانغان ئۆيدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە 14 جەسەت تېپىلغاندىن كېيىن ھەرىكەتنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپتىش مەھكىمىسى ھەرىكەت جەريانىدا جىنايەتچىلەرگە تەۋە بىر ئاپتوموبىل، ھەر خىل قوراللار ۋە بىر قىسىم زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قاتىللىق جىنايىتىنڭ رايوندا پائالىيەت قىلىدىغان ۋە ھەر تۈرلۈك جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلەن تونۇلغان جەلىسكو يېڭى ئەۋلاد كارتېلى (CJNG) تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر