ھاۋايدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتىغا جايلاشقان مائۇي ئارىلىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 67 گە يەتتى.

2023552
ھاۋايدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاراللاردىن تەشكىل تاپقان ھاۋاي ئىشتاتىدا بوران - چاپقۇن ئورمان ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

سەيشەنبە كۈنى مائۇي ئارىلىدىكى ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئېغىر تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 67 گە يەتتى. تەخمىنەن 1700 بىنا زىيانغا ئۇچرىغان بۇ ئارال «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىندى.

ئارالدىكى ساياھەتچىلەر شەھىرى لاخاينانىڭ كۆپ قىسمىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

ئوت ئاپىتىدىن كېيىن مىڭلىغان ساياھەتچى ئارالدىن ئايرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر