غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) نىگېردا ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئورنىتىش ئۈچۈن «ئېھتىيات قىسىملىرى» ئەۋەتىدۇ.

2023300
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىش كۈنتەرتىپى بىلەن ئېچىلغان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.

يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىغا، نىگېردا «ئاساسىي قانۇن تەرتىپى ئورنىتىش» ئۈچۈن «ئېھتىيات قىسىملىرى» نى تەييار ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، نېگىرغا ئورۇنلاشتۇرۇش پەرمانى چۈشۈرۈلدى.

«ئېھتىيات قىسىملىرى» نىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باياناتىدا، ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنىمۇ ئەسكەرتتى.

باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولا تىنۇبۇ: «مەسىلىنى ھەل قىلىش قارىشىمىزنىڭ ئاساسىنى دىپلوماتىك مۇزاكىرەلەر ۋە دىيالوگ تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يوللار تېخى تۈگىمىدى. مۇزاكىرە يولى ھازىرمۇ ئوچۇق، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئەڭ ئاخىرقى چارە»دېدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدىمۇ، مۇزاكىرە ۋە ھەربىي ئارىلىشىش يوللىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ھالدا كىرىزىسنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى ئېھتىيات قىسىملىرىنى 2003-يىلى پىل چىشى ساھىلى ۋە لىبېرىيەگە، 2012-يىلى گىنە بىساۋغا ۋە 2013-يىلى مالىغا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن كىرگۈزگەن ئىدى. غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ ئېھتىيات قىسىملىرى، ئەزا دۆلەتلەر كىرىزىس رايونىغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئېھتىيات قىسىملىرىنى مەلۇم دۆلەتكە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق قارار چىقىرىشى ياكى ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋەزىپىگە چاقىرىشى كېرەك.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى تەخمىنەن 2750 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان «ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى» ۋە 3750 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان «ئاساسلىق قىسم» نى ئەزا دۆلەتلەردىن يىغىدۇ. ھەربىي ۋە ساقچىلاردىن تۈزۈلگەن ئېھتىيات قىسمىنىڭ مالى، نىگېرىيە ۋە گانادا تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر