ۋولكەر تۈرك ئىراقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك ئىراقنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تېلېگراممىنى تاقىۋېتىشىگە دەپ باھا بەردى ۋە بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2022735
ۋولكەر تۈرك ئىراقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك پايتەخت باغدادتا ئىراق ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئىراق تۈرمىلىرىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قىيىن- قىستاقلار توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ھەقتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىراق دۆلەت دائىرىلىرى بىلەن ئورتاق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە گۈزەللىكىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ۋولكەر تۈرك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىراقنىڭ يەنە زۇلۇم، زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۆتمۈشىمۇ بار. مەن ئىراق خەلقىنىڭ بۇ كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە ھەيران قالدىم. سادام ھۈسەيىن دەۋرىدە 1 مىليونغا يېقىن ئادەم غايىب بولدى.

2014-2017 – يىللىرىدىكى دائېش ھۇجۇملىرىدا مىڭلىغان كىشى يوقاپ كەتتى. بىز ھۆكۈمەتنىڭ <مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر> مەسىلىسىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز. بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلۇشىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش. ئىراقتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشى كېرەك» دېدى.

ۋولكەر تۈرك ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگرامما سۇپىسىنى تاقىغانلىقىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ھەر قانداق شەكىلدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆررىيىتىگە خىلاپ» دېدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك 7 – ئاۋغۇست (2023) باشلانغان ئىراق زىيارىتى جەريانىدا، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى، پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد خالبۇسى، باشقا ئەمەلدارلار ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر